خۇاۋېي ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات
يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-يىل 09-ئاي 25-كۈنى
«خۇاۋېي ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دەيمىز) يۈرگۈزىدىغان، سىزگە خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئۇلارنى پىشقان كەسپىي ئۆلچەملەر ئارقىلىق قوغدايدۇ.
يېڭىلانما ھەققىدە
مەخپىيەتلىك باياناتىدىكى يېڭىلانغان مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ:
•ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ تەلىپى بويىچە، سىزگە مەزمۇن پاش قىلىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز.
مۇھىم ئەسكەرتمە
•خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملاپ كىرىپ، «ئاڭلىق ياردەمچى» نى ئاچسىڭىز، خۇاۋېي ھېسابى بىلەن باغلانغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىنى تەمىنلەيمىز.
•سىستېما ۋە ئۈسكۈنىنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرى ۋە ئۈسكۈنە ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەيمىز.
•ئۈسكۈنە توكقا چېتىق ۋە WLAN ئۇلاق چاغدا «ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» ئارقا سۇپىدا ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدۇ، يېڭىلانما ئەپ سىنبەلگىسىدە سانلىق ئەسكەرتىلىدۇ.
•ئۈستەليۈزىگە مۇلازىمەت كارتىسى قوشۇپ، مەھسۇلاتنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرىنى تېز چۈشىنەلەيسىز. بۇ ئەپ WLAN ئۇلاق ئەھۋالدا ئارقا سۇپىدا ئەپ ۋە كارتا مەزمۇنلىرىنى يېڭىلايدۇ.
1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى ئارقىلىق سىزگە تۆۋەندىكى كەسىپ مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەيمىز، ئالاقىدار كەسىپ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىڭىزدا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، مۇلازىمەتتە زۆرۈر بولغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ.
1.1 ئۈسكۈنەم
«ئاڭلىق ياردەمچى» نىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى توردا باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزنى پۈتۈن كۆرۈنۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىقتىدار تونۇشتۇرۇشى بىلەن تەمىنلەيمىز. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئاڭلىق ياردەمچى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە باياناتتىن كۆرۈڭ.
1.2 ھېساباتقا كىرىش
خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگىنىڭىزدىن كېيىن، نام ۋە باش سۈرىتىڭىزنى ئوقۇپ، ئەپتە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز.
1.3 ئىقتىدار ئەسكەرتمىسى
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىنىڭ ئىقتىدار ئەسكەرتىش مۇلازىمىتى سىزگە سىستېما ۋە ئۈسكۈنىنىڭ يارقىن ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۇچۇرى يوللايدۇ. ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى ئىقتىدارىنى خۇاۋېي ئۇقتۇرۇش SDK سى تەمىنلەيدۇ.
بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، «ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى» > «مەن» > «تەڭشەك» > «ئىقتىدار ئەسكەرتىش» ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
1.4 پاش قىلىش
پاش قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق مەسىلە بار مەزمۇنلارنى پاش قىلسىڭىز ياكى ئەرز سۇنسىڭىز بولىدۇ. پاش قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە تىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى، سىستېما تەڭشەكلىرى، ئەپ نامى، كۆرۈش خاتىرىسى ۋە سىز يۈكلىگەن مەلۇمات (پاش قىلغان مەزمۇن، ئىسپات ماتېرىيال، تورخەت ياكى يانفون نومۇرى) قاتارلىقلارنى توپلاپ، سىز پاش قىلغان مەزمۇننى بىر تەرەپ قىلىمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، پاش قىلغان مەزمۇننى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
2 ئۈسكۈنە ئىجازەتلىرى
مېدىيا ۋە ھۆججەت (بوشلۇق) ئىجازىتى: ئىسپات ماتېرىياللارنى قوشقاندا بۇ ئىجازەت كېرەك. بۇ ئىجازەت ئۈسكۈنىدىن رەسىم ۋە سىن قاتارلىقلارنى قوشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق مۇلازىمەت كېرەك بولمىسا، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ.
ئەپنىڭ ئىجازەتلىرىنى تەڭشەكتىن خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتەلەيسىز.
3 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش
بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز، خۇاۋېي دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ياكى باشقا ھامىيلار مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
بولۇپمۇ، ئەگەر سىز بالا (14ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن) بولسىڭىز، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز بىلەن بىللە بۇ بايانات ۋە بىز مەخسۇس تۈزگەن «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى»(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/childprivacy/statement.htm?code=CN&language=ug-CN) نى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىز ھەمدە ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيىڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن ياكى ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسى بولسىڭىز، ھامىيلىقىڭىزدىكى بالىنىڭ سىزنىڭ قوشۇلۇشىڭىز بىلەن ياكى يېتەكچىلىكىڭىزدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.
4 ئۈچىنچى تەرەپ SDK
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى ئەسكەرتمىسى قاتارلىق بەزى ئىقتىدارلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ يۇمشاق دېتال قورال بوغچىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «SDK» دەيمىز) ياكى باشقا پىروگراممىلارنى بىر گەۋدىلەشتۇردۇق. تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپ SDK تىزىملىكى(https://privacy.consumer.huawei.com/legal/tips/privacy-statement.htm?code=CN&language=ug-CN&branchid=1&contenttag=3rdsdk&version=20220925) ئارقىلىق كۆرۈڭ.
5 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى > مەن > تەڭشەك دېگەن ئورۇندىن «مۇلازىمەتنى ئېتىش» ئارقىلىق بۇ ئەپنىڭ ئۇچۇر توپلىشىنى توختىتالايسىز.
مەلۇمات ھوقۇقىڭىزغا قارىتا ھەرقانداق گۇمان ياكى سوئالىڭىز بولسا، بۇ باياناتتىكى «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
6 ئۇچۇر ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مۇلازىمىتېرغا يۈكلىنىپ ساقلىنىدۇ.
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت بۇ باياناتتا دېيىلگەن مەلۇمات توپلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئىچىدە ساقلايمىز، ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتى توشسا ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن باشقىچە تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.
ئىقتىدار ئەسكەرتمىسى ئۈچۈن توپلايدىغان ئۇچۇرلار 7 كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ. مەزمۇن پاش قىلىش ئىقتىدارى توپلايدىغان ئۇچۇرلار ئىككى يىلدىن كېيىن ياكى سىز خۇاۋېي ھېسابىنى ئۆچۈرگەندە ئۆچۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىز توختىتىلسا، سىزگە ئايرىم ياكى ئاممىۋىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرىمىز.
7 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس تارمىقى ۋە شەخسىي ئۇچۇر قوغداشقا مەسئۇل خادىم تەسىس قىلدۇق، مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى(https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش، كەسىپ باشقۇرۇش جەمئىيىتى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنىڭ ئۇچۇرىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ئالاقىدار مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزنى، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/privacy/statement.htm?code=CN&language=ug-cn)دىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.